شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

2023.05.09 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ