شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.05.06 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور فاڭجېنىنى تۈزۈش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى، جەزمەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ماددىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نوپۇسنىڭ تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، جەزمەن نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، رولى مۇھىم. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا «مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» ۋە «مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ۋە خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە مۇناسىۋەتلىك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى دولقۇنىنى قولدىن بەرمەي، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ ھەم كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلاپ، كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىللىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇكەممەللىككە، ئىلغارلىققا، بىخەتەرلىككە ئىگە بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشتا ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئاجراپ مەۋھۇم ئىقتىسادقا بۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئەمەلىي ئەھۋالغا باقماي كۆلىمى زور بولۇشقا ھەم چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇشقا بولمايدۇ؛ ئۈچ كەسىپنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايرىۋېتىش، قارىمۇقارشى قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، «تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ» دەپ قاراپ ئاددىيلا چېكىنىپ چىقىشقا بولمايدۇ؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلەشكە بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كەسىپ سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئىنتايىن مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنى تىرەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىلغۇ يەر قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاسراپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدا تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەش، ياشانغانلار كۆپىيىش، رايونلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتەك يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭى دەۋر نوپۇس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسى ۋە نوپۇس كۆلىمىنى ساقلاپ، ساپاسى يۇقىرى، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى ئەلا، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك. سىستېما قارىشى ئارقىلىق نوپۇس مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، نوپۇسنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى، ساغلاملىق ساپاسى، ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئائىلىنىڭ تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىپ، تۇغۇتقا قارىتا دوستانە تىپتىكى جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇس بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ