مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز، دېدى

2023.05.12 00:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: تەيۋەن رايونىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار، جۈملىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، جۇڭگو ئامېرىكىنى دۇنيا سەھىيە يىغىنىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر سوئال سوراپ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى تەيۋەننى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يىللىق دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشقا كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرىدۇ، تەيۋەن ئىلگىرى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتناشقان، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ قايتىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولۇشىنى ھەمدە ب د ت سىستېمىسىغا قاتنىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئۇيغۇن، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن: «بىز ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئالاقىدار باياناتقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تەيۋەن رايونىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار، جۈملىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چوقۇم بىر جۇڭگو پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى ۋە دۇنيا سەھىيە يىغىنىنىڭ 25.1-نومۇرلۇق قارارىدا بېكىتىلگەن مۇھىم پىرىنسىپ. دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىل ئورتاق تونۇشى»نى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئىككى قىرغاق كېڭىشىشىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغاچقا، تەيۋەن رايونىنىڭ دۇنيا سەھىيە يىغىنىغا قاتنىشىش سىياسىي ئاساسى مەۋجۇت بولماي قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى كۆز بويامچىلىق بولۇپ، ماھىيەتتە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يول قويغانلىق، قوللىغانلىق.

  «تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىقى. بىز يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا رىئايە قىلىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ <تەيۋەن مۇستەقىللىقى>نى قوللىماسلىق، <ئىككى جۇڭگو> ياكى <بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن>نى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا سەھىيە يىغىنىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى كۆپتۈرۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئۇنى ئىنكار قىلىشقا، توسۇشقا بولمايدۇ. «تەيۋەن قارتىسى» ئويناش، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» سۇيىقەستى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچراپ، جەزمەن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ