مۇھىم خەۋەرلەر

مېسسى بىلەن گۇ ئەيلىڭنى تەبرىكلەيمىز!

مېسسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، گۇ ئەيلىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قىيىن تەنھەرىكەت ماھىرى بولۇپ باھالاندى

2023.05.12 00:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، 2023-يىللىق لاۋرېنس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنا پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى مېسسى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالدى، ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئۇ تۇرۇشلۇق ئارگېنتىنا ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى يەنە ئەڭ ياخشى كوللېكتىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئىككى ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكۈچى گۇ ئەيلىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قىيىن تەنھەرىكەت ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئېرىشكەن چولپان «پۇتبول شاھى» مېسسى بولۇپ، بۇلتۇر ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ 36 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، بۇ 35 ياشلىق ئارگېنتىنالىق پۇتبولچى ئۆز كۇلۇبىدىكى مباپپى، تېننىس توپ تەنھەرىكەتچىسى نادال، F1 دۇنيا چېمپىيونى ۋىستاپان ھەمدە خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش تەنھەرىكەتچىسى دوپرانتىس قاتارلىقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 2020-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەڭ ياخشى ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى قېتىم خامىلتون بىلەن بىللە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم مېسسى بۇ مۇكاپاتقا ئايرىم ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى كەچتىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سىماسى كۆرۈندى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئەركىن چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى گۇ ئەيلىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قىيىن تەنھەرىكەت ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ