مۇھىم خەۋەرلەر

قەتئىي قارشى تۇرىمىز!

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى ئىپادە بىلدۈردى!

2023.04.13 00:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت رۇسىيەنىڭ تەلىپى بويىچە «قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھە ئېكسپورت كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەۋپ-خەتەر» ناملىق ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى قورال-ياراغ ئېكسپورتىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە يول قويۇشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قورال-ياراغ ئېكسپورتىدىن پايدىلىنىپ جۇغراپىيەلىك سىياسىيغا مۇلازىمەت قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ھەربىي چوڭ دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان قورال ئېكسپورت سىياسىتىنى قوللىنىشقا، قورال ئېكسپورتىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتمىسەم بولمايدۇ، مەلۇم ھەربىي چوڭ دۆلەت بوش-چېچىلاڭغۇ قورال-ياراغ ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، غەيرىي دۆلەت ھەرىكەت گەۋدىسىگە ھەربىي بۇيۇملارنى ئۇزاق مۇددەت ئۆتۈنۈپ بەردى. 2019-يىلى، بۇ دۆلەت «قورال-ياراغ سودىسى شەرتنامىسى» ئىمزالاشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 2022-يىلى، بۇ دۆلەتنىڭ قورال-ياراغ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى پۈتۈن دۇنيا قورال-ياراغ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %40 كە يېقىنىنى ___ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى. بۇ دۆلەت سىرتقا قارىتا يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، قورال دەرىجىلىك يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇراننى ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇ دۆلەت دىپلوماتىيە ئاخباراتىدا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، قورال-ياراغ سېتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قارىمۇقارشىلىق ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم قارشى تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا رۇسىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نېبېنجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب دۆلەتلىرى زور مىقداردا قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن قوراللارنى ئىز قوغلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، قورال-ياراغنىڭ يەر شارى قاراڭغۇ بازارلىرىغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى تەھدىتكە ئۇچراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ