شى جىنپىڭ ئەرەب داڭلىق سەنئەتكارلىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.04.06 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «سەنئەتكارلار يىپەك يولىدا جەم بولۇش» جۇڭگونى زىيارەت قىلىش - تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئەرەب داڭلىق سەنئەتكارلىرى ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سەنئەتكارلارنى جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، سەنئەت دۇنيانى تۇتاشتۇرىدۇ. قەدىمىي يىپەك يولىنى ئېچىشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقىچە، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، تارىختا تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىشلارنى پۈتۈپ چىقتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش قارار قىلىندى. جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، مەن تېخىمۇ كۆپ ئەرەب سەنئەتكارلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ، كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگودىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەرەب دوستلارنى جۇڭگونى ھېس قىلىش، جۇڭگونى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېقىنقى مەزگىلدە، «سەنئەتكارلار يىپەك يولىدا جەم بولۇش» جۇڭگونى زىيارەت قىلىش - تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان 50 نەچچە ئەرەب داڭلىق سەنئەتكارى بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگونى زىيارەت قىلىش - تۇرمۇش ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرى ۋە تەسىراتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  ھازىرغىچە، 22 ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق سەنئەتكار «سەنئەتكارلار يىپەك يولىدا جەم بولۇش» جۇڭگونى زىيارەت قىلىش - تۇرمۇش ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 487 پارچە (دانە) رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق ۋە ساپال سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ