شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.04.10 08:50 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ ماكروننىڭ جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا چوڭقۇر تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئەنئەنىگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىختىلاپ ۋە ئىسكەنجىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مۇقىم، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، يول ئاچىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئىقتىدارى، مەسئۇلىيىتى بار.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىق جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىغا ئەرزىيدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالاقە يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگو - فىرانسىيە ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد - مالىيە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى ۋە تىزگىنلىشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا نەپ ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ فىرانسىيە تەرەپنى تېخىمۇ كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ئاشلىق، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسى، يېشىل تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش مەركىزىنى بىرلىكتە قۇرۇشى، ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. فىرانسىيەنىڭ 2024 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى ۋە 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن كېلەر يىلقى جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھەم جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەدە بولۇپ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردا قويۇق ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ 2025 - يىللىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز - ئوكيان يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەرشارىدىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن يەرشارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشنى ساقلايدۇ، ياۋروپانى باشتىن - ئاخىر كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇستەقىل بىر قۇتۇپ دەپ قارايدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ 3 - تەرەپكە قارىتىلماسلىقى، 3 - تەرەپكە بېقىنماسلىقى، شۇنداقلا 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك قايتا باشلاپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسىي رىتىمىنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىم بولغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان تەمىنلەش زەنجىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپنىڭ پائال يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېسىمدە، جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھاسى ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەكلىپىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. كېلەر يىلى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدۇ. 60 يىلدىن بۇيان، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىدى. گەرچە فىرانسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان يەرشارىۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. فىرانسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ئەمەل قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ قېتىم زور كۆلەمدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇم جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىش ئۈچۈندۇر. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇنمىڭ − مونترېيال «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، داۋاملىق تۈردە كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قارشىلىشىش - بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، بەلكى ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي، چوڭقۇر ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى باشتىن - ئاخىر ئىزچىل، ئېنىق ۋە ئايدىڭ، يادروسى دەل پائال ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتۇر. كىرىزىسنى تۈگىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى يوق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى شارائىتىنى يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاقىلانىلىك ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، كىرىزىسنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ھەتتا كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشنى؛ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق توقۇنۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداشنى؛ يادرو قورالىنى ئىشلەتمەسلىك، يادرو ئۇرۇشى قىلماسلىق دېگەن ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىيوخىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى؛ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن قايتا باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشنى؛ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە پەيدا قىلغان سىرتقا يامراش ئېففېكتىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىشنى مۇراجىئەت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقىنى ساقلاپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  ماكرون فىرانسىيە تەرەپنىڭ قارىشىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى ئالقىشلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ سىياسىي سۆھبەتنى قايتا باشلاپ، كىرىزىسنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېزا ئىگىلىك يېمەكلىكلىرى، پەن - تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ماكرون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ماكرون يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمىن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ماكرون شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ