مۇھىم خەۋەرلەر

چىن گاڭ 4-قېتىملىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

2023.04.13 00:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۆزبېكىستاننىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەييىدوفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىگە بېرىپ 4-قېتىملىق ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ