مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇش لازىم

2023.04.11 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىل 6-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى نەزەرگە ئالماي، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى كۈچكە ئىگە قىلدى ھەم يولغا قويدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، باشقا دۆلەتلەرگە بىر تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر ناچار مىسالى بولۇپ، خەلقئارا قانۇنچىللىققا ۋە خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى زومىگەرلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

  بىرىنچىدىن، شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش قانۇنچىللىق روھىغا ئېغىر دەرىجىدە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق. ئامېرىكا ئەزەلدىن ئاتالمىش قانۇنچىل دۆلەت دەپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ، لېكىن جۇڭگونى قورشاش، توسۇس، چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قانۇن چىقارغۇچىلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى قانۇنچىللىق پىرىنسىپىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىغا پەرۋا قىلمىدى. «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش جەريانى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇد دەپ ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي يالغان دوكلات ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئۇ دوكلاتلار جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تۈرىنى بۇرمىلاش ۋە خاتا تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەن تولغان، دەلىل-ئىسپات قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە سۈرەتلەر قالايمىقان بىرىكتۈرۈلگەن، خاتالىق كۆپ، ئالدى-كەينى زىددىيەتلىك، ئىشەنچلىك ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغان بىر نەچچە پارچە ساختا دوكلاتقا ئاساسەن ھەرقانداق ئەدلىيە تەرتىپى ۋە يۈزلەشتۈرۈش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇت دەپ بېكىتىشى بىمەنىلىك.

  ئىككىنچىدىن، شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى كۆزگە ئىلماي، خەلقئارا قانۇنچىللىقنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىپ، خەلقئارا تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇردى. خەلقئارا جەمئىيەت باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ، «باراۋەرلەر ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ». ئامېرىكا بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنى بويىچە باشقا دۆلەتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ئەزەلدىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدە بېكىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇنىنى ئاساس قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنىنى پات-پات تۈزۈپ چىقىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ شەخسىي، كارخانا، ئەمەلىي گەۋدىسى، ھەتتا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى جازالايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قانۇنىنى «خەلقئارا قائىدە» سۈپىتىدە باشقىلارغا تاڭىدىغان بۇنداق ئۇسۇل دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەر بولۇشتەك خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.

  پاك ئادەم ئۆزىگە پاك، بۇلغانغانلار ئۆزىنى بۇلغايدۇ. گەرچە ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق رەزىل قانۇنى «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز. ئامېرىكىنىڭ يامان نىيەتتە زەربە بېرىشى جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش پۇختا قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ