مۇھىم خەۋەرلەر

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى

2023.04.11 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئىراننى زىيارەت قىلغان، ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ نەچچە كۈن ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنى زىيارەت قىلىدىكەن، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپ دۆلىتىدە ئەلچىخانا، كونسۇلخانىنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق كۆرىدىكەن.

  ئىران مېھر ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ، ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە مەشھەدتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈردى، دېيىلدى.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد ۋە جىددەگە بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق قىلىدىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ «بېيجىڭ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مېھمان كۈتۈش مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران 2016-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئىدى. جۇڭگونىڭ قوللىشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئۈچ تەرەپ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى، «بېيجىڭ كېلىشىمى» ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  4-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ بېيجىڭدا سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال ۋە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، چىن گاڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى-ئىران ئىككى تەرەپنىڭ قوشما بايانات ئىمزالىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، ئىككى دۆلەت شۇ كۈندىن باشلاپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ