مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ دۆلىتىگە قايتقان ئايروپىلاندا، ماكرون ئەمدى ئامېرىكىنىڭ «چاكىرى» بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2023.04.11 23:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىياسىي خەۋەرلەر تورى (Politico) نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈچ كۈنلۈك جۇڭگو زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون فىرانسىيەگە قايتىدىغان مەخسۇس ئايروپىلاندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا چوقۇم ئامېرىكىغا تايىنىشنى ئازايتىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ «چاكىرى» بولماسلىقى كېرەك، دېدى.

  ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان غايەت زور خەۋپ-خەتەر دەل «باشقىلارنىڭ كىرىزىسىغا پېتىپ قېلىش، بۇ ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى». ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ياۋروپا ئامېرىكىغا زىيادە بېقىنىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ۋاقتى ۋە بايلىقى بولمايدۇ، بۇ ياۋروپانى ئامېرىكىنىڭ يەنىمۇ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  ئامېرىكا سىياسىي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەگە قايتىدىغان مەخسۇس ئايروپىلان بۆلمىسىدە، ماكرون مەيدىسىگە «فىرانسىيە تېخنىكىسى» دېگەن خەت بېسىلغان پوسمىلىق مايكىسىنى كىيىپ، ياۋروپانىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى»غا مۇناسىۋەتلىك كۈرەشتە غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەردە: «ئىستراتېگىيەلىك ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى» ماكرون دائىم تىلغا ئالىدىغان بىر مەسىلە، دېيىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىردىنبىر يادرو چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسىيە ھەربىي جەھەتتە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ماكرون پۈتكۈل ياۋروپا قورال-ياراغ ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە ئامېرىكىغا زىيادە تايىنىۋالىدۇ، ھازىر زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماكرون يەنە ياۋروپانىڭ «دوللارنىڭ تاشقى قانۇن ھوقۇقى»غا تايىنىشىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بەزى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، دوللار بويىچە ھېسابلىنىدىغان يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا كىرەلمىگەن، بۇ ياۋروپا كارخانىلىرىنى 3-دۆلەت بىلەن بولغان كەسپىي ئالاقىنى ئۈزۈشكە، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قاتتىق جازاسىغا ئۇچراشقا مەجبۇر قىلغان. ھازىر ياۋروپادا نۇرغۇن كىشىلەر دوللارنى «قوراللاندۇرۇش»تىن نارازى بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ