مۇھىم خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون يېقىندا ياۋروپا ئامېرىكىغا تايىنىشنى ئازايتىشى كېرەك، دېدى

2023.04.11 13:20 مەنبە: خەلق تورى

  فىرانسىيە «ئەكس سادا گېزىتى» ۋە ئامېرىكا «سىياسىي گېزىت» تور بېكىتىنىڭ 9-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكرون جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە بۇ ئىككى تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتقان.

  ماكرون مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ياۋروپا قورال جەھەتتە ئامېرىكىغا تېخىمۇ تايانماقتا، ياۋروپا ھازىر چوقۇم زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياۋروپانىڭ ئۆز دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە بۇ ساھەدە ياۋروپانىڭ ئورتاق ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ياۋروپا نۆۋەتتە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئامېرىكىغا تېخىمۇ تايانماقتا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەنبەسىدە كۆپ خىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  ماكرون مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ياۋروپا چوقۇم ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك، «بىز ھالقىلىق مەسىلىلەردە باشقىلارغا تايىنىۋېلىشنى خالىمايمىز». «ئېنېرگىيە، مۇداپىئە ئىشلىرىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە مۇناسىپ ئاساسقا ئىگە بولالمىسىڭىز، بۇ ساھەلەردە تاللىشىڭىز قالماي تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىسىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ