مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا بويىچە 200 دەك سىياسىي ئەرباب ۋە مۇتەخەسسىس بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ ۋاكسىنا تەقسىملەشتىكى باراۋەرسىزلىكنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2023.03.13 11:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلقارادىكى 200 دەك سىياسىي ئەرباب، مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىق زاتلار 11-مارت بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا تەقسىملەشتىكى باراۋەرسىزلىكنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.بۇ ئوچۇق خەتكە دۇنيادىكى 200 دەك سىياسىي ئەرباب، مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىق زاتلار بىرلىكتە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جوسېف ستىگلىتز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بان كىمون، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئانگېل گۇرىيا قاتارلىقلار بار.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەقسىملەشتە يۇقىرى، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېغىر تەڭسىزلىك ھادىسىسى كۆرۈلدى. بىر قىسىم باي دۆلەتلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى كۆيدۈرسە، يەنە بىر قىسىم نامرات دۆلەتلەردە دورا تېپىش تەس بولدى.

  ئوچۇق خەتتە ئەنگلىيەدىكى «تەبىئەت. مېدىتسىنا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021-يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تەقسىملەشنىڭ باراۋەر بولماسلىقى ھەر 24 سېكۇنتتا ئەسلىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر بىمارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋاكسىنىنى ئادىل تەقسىم قىلغان بولسا 2021-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئازايغان بولاتتى. ئوچۇق خەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى باي دۆلەتلەرنىڭ ھاياتىنى نامرات دۆلەتلەرنىڭ ھاياتىدىن ئۈستۈن قويماسلىققا ۋەدە بېرىشكە، ئاممىۋى ياردەملىك داۋالاشتىكى يېڭىلىق يارىتىش «يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى» دەپ قارىلىپ، پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە ئەمەس بەلكى ساغلاملىقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىندى.

  ئوچۇق خەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشى ھەم تەدبىر قوللىنىشى، مەسىلەن، ئالاقىدار خەلقئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش، تېخنىكا يۆتكەش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىش، كەلگۈسىدە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ