خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، تەنتەنىلىك ۋەدە

− شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرگەنلىكى توغرىسىدا

2023.03.12 13:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى، خەلق رايى نامايان قىلىندى!

  جاراڭلىق قەسەم جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى!

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى − 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 2952 نەپەر، تارقىتىلغان سايلام بېلىتى 2952 پارچە، يىغىۋېلىنغان سايلام بېلىتى 2952 پارچە، قوللاپ چۈشكەن بېلەت 2952! سالمىقى ئېغىر سايلام بېلىتىگە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يول باشلىغۇچىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن.

  خەلق سارىيىدا ئۇزاققىچە ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك ئىرادە ۋە گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

  بۇ، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان كۈچلۈك مېلودىيە.

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەندىلا، تيەنئەنمېن مەيدانى سەھەردىكى قۇياش نۇرىغا چۆمدى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر مەردانە، كۈچلۈك قەدەم ئېلىپ خەلق سارىيىغا كىرىپ، خەلق بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە تەييارلاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، سايلام رەسمىي باشلاندى. بېلەت نازارەتچىلىرى پۈتۈن مەيداندىكى 28 قىزىل رەڭلىك ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقىنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، خىزمەتچى خادىملار سايلام بېلىتىنى تەرتىپلىك تارقاتتى، ۋەكىللەر ئەستايىدىل كۆرۈپ، بېلەتنى تولدۇردى... نەق مەيدان رەتلىك ۋە تەرتىپلىك بولدى.

  سائەت 9دىن 50 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ۋەكىللەر تەرتىپ بويىچە بېلەت ساندۇقى ئالدىغا كېلىپ، سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر - بىرلەپ بېلەت ساندۇقىغا تاشلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تولۇق پىكىرلىشىپ كېڭىشىشى ئارقىلىق، نامزاتلارنى ئاخىرىدا يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بېكىتتى.

  ۋەكىللەر يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىردەك ھىمايە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇق قازاندى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ مۇستەھكەم ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە رول تۇتۇپ يول باشلىشى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقى.

  سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزمەتچى خادىم جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق ئوقۇپ ئۆتتى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس نامزاتى شى جىنپىڭنى قوللاپ چۈشكەن بېلەت 2952». بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى ماس قەدەمدە نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلدى.

  پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

  رىياسەتچى: «يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى» دەپ جاكارلىدى.

  ئالقىش سادالىرى يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، خەلق سارىيىدا ياڭرىدى.

  شى جىنپىڭ بارلىق ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  رىياسەتچى يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى.

  تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان، تولۇق ئاۋاز بىلەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇشقا مۇناسىپ.

  يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللاندى، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتلەرنى ئالغا سىلجىتتى، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يۈز مىليونلىغان خەلق تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئارزۇ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئۇلۇغ دەۋردە مۇقەررەركى يول باشلىغۇچى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛

  ئۇلۇغ ئىشلاردا مۇقەررەركى رول تۇتقۇچى سالماقلىق بىلەن يول باشلايدۇ.

  كىشىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ناملىق غايەت زور پاراخوت مۇقەررەر دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.

  قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى: جاراڭلىق قەسەمنىڭ ۋەزنى ئېغىر.

  سائەت 11دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى قەسەم بېرىش بۇرغىسىنى ياڭراتتى. 12 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى يىغىن زالىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۆرمەت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كېلىپ تىك تۇردى.

  رەئىس سەھنىسىدە، ئۈچ نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ كىرىپ، ئاساسىي قانۇننى قەسەم بېرىش مۇنبىرىگە تۈز قويدى.

  دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە ئۈنلۈك ئېيتتى.

  «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار، گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن يېڭى مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى...» ھەيۋەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى باتۇرانە ئالغا بېسىشقا، يېڭى مۇساپىدە مەردانە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  رەئىس مەيدانغا كىرىش بۇرغىسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن قەسەم بېرىش مۇنبىرى ئالدىغا كەلدى.

  چاقناپ تۇرغان دۆلەت گېربى مۇقەددەس پەيتكە گۇۋاھ بولدى −

  شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە يۈزلىنىپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

  «مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك - دۇرۇس بولۇپ خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!»

  خەلق سارىيىدا يەنە بىر قېتىم ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مۇراسىم تەنتەنىلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى ئىزاھلىدى −

  بەش يىل ئىلگىرى، خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشى تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى نەمۇنە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  قەسەم جاراڭلىق بولۇپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ھەيۋەتلىك مۇساپىگە يېتەكلىدى −

  2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ... جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى كىشىلەرنى تەلپۈندۈردى، خەلق داھىيسى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

  ئالقىش ساداسى ياڭراپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتتى −

  «بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى جاراڭلىق قەسىمى!»

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ تايانچىمىز بولسىلا، چوقۇم تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز!»

  «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە غەيرەت - شىجائەتلىك بولۇپ يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىمىز!»

  ...

  ئۇرغۇپ تۇرغان يۈرەك ساداسى، ئوتتەك قىزغىن چىن ھېسسىيات.

  خەلق سارىيى سىرتىدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلاتتى.

  جۇڭگو زېمىنىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ