14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى،

2023.03.11 13:33 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىنغا جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا يىغىن مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېننىڭ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش ئارگىنالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا ليۇ جۈنچېننىڭ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىنىڭ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا ليۇ جۈنچېننىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ بېلەت نازارەتچىلىرىنى كۆرسىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، باش بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ليۇ جۈنچېننىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشنى تەشكىللەش چارىسى لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزۈش ئارگىنالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىن ئالاقىدار دوكلات، لايىھە قاتارلىقلارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنى 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 192 بولۇپ، 189 كىشى قاتناشتى، ئۈچ كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  8-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلىدىغان نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چۈنيىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى دوكلات ۋە قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە بىردەك قوشۇلدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىگە كۆرسەتكەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكى خادىملار نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ