شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ بىلەن جۇڭگو - ئىسپانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.03.11 09:45 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىغا ئەمەل قىلىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت بېغىشلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، فىلىپ Ⅵ پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلق رايى مايىللىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئىسپانىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

  فىلىپ Ⅵ مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىسپانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەكشى، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، دوستانە ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ