مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

2023.03.13 09:39 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق جاكارلىدى: سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2169 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2119 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، دۆلىتىمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. ئەزالار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق ئەزالار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە نىسبەتەن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىڭ كۆزلەپ فۇنكسىيەنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا مەركىزىي خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كېڭىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك؛ باشتىن - ئاخىر بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ چېن، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ خې، ليۇ گوجۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ شياۋدۇ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋېي فېڭخې، جاۋ كېجى، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ قاتارلىقلار بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يېپىلىش يىغىنىنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ