14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى

شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

2023.03.12 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى

  شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

  جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

  خەن جېڭ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى

  يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى تەستىقلاندى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى شى جىنپىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.

  بۇ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  يىغىن يەنە جاۋ لېجىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا، خەن جېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 كىشى، قاتناشقانلار 2952 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 25 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا يىغىن ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى گەنجيې رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، ۋاڭ مېڭخۇي، شۈ چىن، شېن شياۋمىڭ، جوۋ زۇيى، جېڭ جيەنمىن، لياڭ يەنشۇن، يۈ يۈنلىن، لەن فوئەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى ۋە بۇ لايىھە تەستىقلاندى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: گوۋۇيۈەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 35 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى. شى شياۋلىن، لىن خۇڭ باش بېلەت نازارەتچىسى بولدى.

  سائەت 9دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، سايلام رەسمىي باشلاندى. بېلەت نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن يىغىن مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 28 ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەكشۈردى. ئارقىدىن، خىزمەتچى خادىملار سايلام بېلىتىنى ئايرىپ تارقىتىشقا باشلىدى. تۆت پارچە ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى سايلام بېلىتى ھەربىر ۋەكىلنىڭ قولىغا ئايرىپ تارقىتىلدى. سايلام بېلىتى دۆلەت ئورتاق يېزىقى ۋە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا بېسىلدى.

  ئارقىدىن، ۋەكىللەر سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. يىغىن مەيدانى ئارقا رايونىدا سايلام بېلىتىنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىندى.

  سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تەڭ نامزاتلىق سايلاپ چىقىلدى.

  سائەت 9دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئالدى بىلەن بېلەت تاشلىدى. ئارقىدىن ۋەكىللەر بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىلىرى تارقىتىلغان ۋە يىغىۋېلىنغان سايلام بېلىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سايلام كۈچكە ئىگە بولدى.

  خىزمەتچى خادىم بىلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى سايلىمىدا، شى جىنپىڭ بىردەك 2952 تولۇق قوللاش بېلىتىگە ئېرىشكەن. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى.

  رىياسەتچى مۇنداق جاكارلىدى:

  يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، بارلىق ۋەكىللەر ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ شى جىنپىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان لى جەنشۇ، لى چياڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

  رىياسەتچى يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، يىغىن مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە مۇنداق جاكارلىدى:

  يولداش جاۋ لېجى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يولداش خەن جېڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  يولداش لى خوڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يولداش ليۇ چى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى.

  ھەربىر تۈرلۈك سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئالقىش ساداسى ئىچىدە، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى. جاۋ لېجى يەنە 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئالقىش ساداسى ئىچىدە، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى. خەن جېڭ يەنە يولداش ۋاڭ چىشەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش توغرىسىدىكى تەشكىلىي چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  سائەت 11دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى نەق مەيداندا قەسەم بېرىش بۇرغىسىنى ياڭراتتى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 12 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى سەپكە بۆلۈنۈپ، يىغىن زالىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۆرمەت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كېلىپ تىك تۇردى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى. رەئىس سەھنىسىدە ئۈچ نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مېڭىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ كىردى ھەم ئاساسىي قانۇننى قەسەم بېرىش مۇنبىرىگە قويدى.

  ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

  ئارقىدىن خىزمەتچى خادىم: ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنى قەسەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز، دەپ جاكارلىدى.

  رەئىس مەيدانغا كىرىش بۇرغىسىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن قەسەم بېرىش مۇنبىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى.

  رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، چاقناپ تۇراتتى. نەق مەيداندىكى 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇ مۇقەددەس پەيتكە ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  شى جىنپىڭ سول قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

  «مەن شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك - دۇرۇس بولۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمەن، باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!»

  جاراڭلىق، مەردانە قەسەم ئاۋازى خەلق سارىيىدا ياڭرىدى.

  قەسەم بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكىلەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ئارقىدىن، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى، يېڭىدىن سايلانغان دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى، يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپ كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ