شۇ جاي ۋاقتى 10-چېسلا، ئامېرىكا كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمىغانلىقتىن پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلىپ، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەنى ساراسىمىگە سالدى. ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكىلىقلارنى «ھوشىنى تېپىپ»، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ «مۈشكۈل مەزگىل»دە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكىلىق كارخانىچى بېرنى ماركۇس مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى يۇقىرى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە كۆپ قېتىم جىددىي ئۆسۈم قوشۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل خاتا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە، خەلق ئاممىسى پۇل تۆلىيەلمەيۋاتىدۇ، ھەتتا ماي باكىغا لىقمۇ ماي قاچىلىيالمايۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان كۈندىلىك مەسىلىلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. بېرنى ماركۇس ئىستېمالچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، «ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئامېرىكا بانكا كەسپى مۇتەخەسسىسى داۋىد تاۋېللې مۇنداق دېدى:كىرىمنىي جىلغىسى بانكىسىنىڭ تاقىلىشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى، زىيادە تېز بولۇشىدىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭغا ئوخشاش ئاپەتنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەنجىرسىمان تەسىر بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئىقتىسادى ئاستىلاپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئىقتىسادىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىرىزىسقا بولغان ئىنكاسىغا قارىتا تاۋېللې «ئاق ساراي بىلەن پارلامېنتنىڭ رولى ماسلىشالمىدى»، مەن دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ماھىيەتلىك ھەرىكەت قوللىنىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ