مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

2023.03.12 13:30 مەنبە: خەلق تورى

  بىر كۈنلۈك فىرانسىيە - ئەنگلىيە باشلىقلار يىغىنى 10 - چېسلا پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سۇناك ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا ئېلان قىلىنغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت بىر تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئەنگلىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ فىرانسىيەدىن ئىنگلىز بوغۇزى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئەنگلىيەگە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا فرانسىيەگە مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرماقچى بولغان.

  ماكرون بىلەن سۇناك بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت فىرانسىيەنىڭ شىمالىدا يېڭىدىن بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە بىر قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ساقچى سەپلەپ فىرانسىيە دېڭىز ساھىلىنى چارلايدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئادەمسىز ئايروپىلان ۋە كۆزىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسىدۇ.

  ماكرون مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، بىخەتەرلىك ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان» دىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يامانلاشقان، ئەنگلىيە-ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەمدە كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنسىز كۆچۈشى قاتارلىق مەسىلىلەردە فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت چوڭقۇرلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ