مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى: كانادادىكى يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ تارىخى كىشىنى چۆچۈتىدۇ

2023.03.12 13:28 مەنبە: خەلق تورى

  ب د ت نىڭ يەرلىك ئاھالىلەر ھوقۇقى ئالاھىدە دوكلاتچىسى كالى چاي 10-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كانادادىكى يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپىدە ھايات قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

  «كانادا چوقۇم مۇستەملىكىچىلىكتىن قېپقالغان پايدىسىز تەسىرنى ھەل قىلىپ، ئەھمىيەتلىك يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ھەمدە ئىلگىرىكى جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك» دېدى كالى چاي كانادادىكى 10 كۈنلۈك تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پايتەخت ئوتتاۋادا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ.

  كالى چاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتەپلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرى يەنىلا ھازىرقى بالىلارنى قۇتقۇزۇشتا ئەكس ئەتمەكتە. گەرچە كانادا نوپۇسىنىڭ %7.7ىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا %53 تىن ئارتۇق قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بالىلار يەرلىك ئاھالىلەر بولۇپ، بەزى ئۆلكىلەردە بۇ نىسبەت %90 كە يەتكەن.

  كالى چاي مۇنداق دېدى: كانادانىڭ يەرلىك ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىرقىي كەمسىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەۋلادلار ئارا جاراھەت ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ يەرلىك ئاياللارنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، يەرلىك ئاياللارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ياكى يوقاپ كېتىش ئېھتىماللىقى كانادادىكى باشقا ئاياللارنىڭكىدىن 12 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كانادادىكى يەرلىك ئاھالىلەر ھەمىشە خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك قولغا ئېلىش ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ ھەددىدىن زىيادە قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرىدۇر.

  كانادا فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەدرىجىي يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتىپى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي «ئاسسىمىلياتسىيە» قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، «ياتاقلىق مەكتەپ» نامى بىلەن يەرلىك بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، جىسمانىي ۋە جىنسىي خورلۇققا دۇچار قىلغان. كانادا ھەقىقىي ئەھۋال ۋە يارىشىش كومىتېتى بۇنى «مەدەنىيەتتىكى ئىرقىي يوقىتىش» دەپ ئاتىغان. 2015-يىلى، مەزكۇر كومىتېت ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە، كانادا ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 139 ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ، ئاز دېگەندە 150 مىڭ ھىندىئان قاتارلىق يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتەپكە مەجبۇرىي ئاپىرىلغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 4000 دىن ئارتۇق بالا خورلىنىپ ئۆلگەن. بەزى ئالىملار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سانى بۇلا ئەمەس دەپ مۆلچەرلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ