مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار تەرتىپلەرنى رەسمىي باشلىدى

2023.03.12 13:20 مەنبە: خەلق تورى

  تۈركىيە 11-مارت مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار تەرتىپلەرنى رەسمىي باشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، تۈركىيەنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

  ئەردوغان 10-مارت زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ 116- ماددىسىغا ئاساسەن، مەن ئەسلىدە 18-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنى 14-ماي ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن قارار قىلدىم».

  رەسمىي تەرتىپكە ئاساسەن، تۈركىيە 11-مارت سايلام ۋاقتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار تەرتىپلەرنى باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى يېڭى سايلام كۈن تەرتىپى بېكىتىلگەندىن كېيىن كونكرېت كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلىدۇ.

  مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا، ئەردوغان مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بېكىتىلگەن چوڭ سايلام ۋاقتى دەل داشۆلەرنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەلىكلەر ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئەسلىدىكى ۋاقىت بويىچە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلسە، نۇرغۇن مەكتەپلەر دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەچكە، شۇ چاغدا نۇرغۇن تۈركىيەلىكلەر يۇرتىغا قايتقان ياكى دەم ئېلىۋاتقان بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ