مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەئۇدى ئەرەبىستانى 2:1 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

2022.11.23 23:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىنىڭ C گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن تەتۈر ئاشتى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولمايلا، مېسسى جازا توپ تېپىپ كىرگۈزدى، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۇدا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

  بۇ يەنە ئاسىيا كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن تۇنجى مەيدان غەلىبىسى بولۇپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 36 مەيدان يېڭىلمەسلىك رېكورتى ئاخىرلاشتى.

  ئاسىيا كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ