ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 21-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2021-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ ئىشخانىسىغا بۆسۈپ كىرگەن رېيلى ۋىللىئامىس (Riley Williams) ئەيىبلەنگەن سەككىز تۈرلۈك جىنايەت ئىچىدە ئالتە تۈرگە جىنايەت بېكىتىلگەن. بۇ جىنايەتلەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش، پارلامېنت بىناسىدا قىلىقسىزلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پېلوسىنىڭ ئىشخانىسىدىن خاتىرە كومپيۇتېر ئوغرىلاشقا ياردەملىشىش ۋە كۈشكۈرتۈش جىنايىتى ئىناۋەتسىز، دەپ جاكارلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، زاسېداتېللار ئۆمىكى سايلام ئۆمىكىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش توغرىسىدا بىردەك قارار چىقىرالمىدى، بۇ شىكايەت تۇرغۇزۇلسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ھازىر ۋىللىئامىس تۇتۇپ تۇرۇلدى، تەپتىش ئەمەلدارى ۋىللىئامىسنىڭ يۇقىرىقى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلانغان ئىككى تۈرلۈك جىنايىتىنى قايتا قاراپ چىقىش-چىقماسلىقنى تېخى قارار قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ