مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2022.08.01 22:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف چولپونئاتادا دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاپاروف ۋاڭ يىدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان تەرەپ قىرغىزىستان-جۇڭگو دوستلۇقىنى باشتىن-ئاخىر قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، قىرغىزىستان-جۇڭگو تونۇشۇش، دوستلىشىشتىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقىچە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئۈلگىسىنى تىكلىدى. قىرغىزىستان داۋاملىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بارلىق مەسىلە ئۈستىدە قەتئىي تەۋرەنمەي، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە تۇرىدۇ. بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى، يەرلىك ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ھالقا دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنى قىرغىزىستانغا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك بۇ ھەمكارلىق تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى قىزغىن ئارزۇ قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، سىياسىي مۇقىملىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، سىياسەت مۇقىملىقىنى ساقلاش قىرغىزىستان دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى تېزلىتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ سەمىمىي ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ قىرغىزىستاننىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ۋە تايىنىشقا بولىدىغان ھەمراھى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى ياساش شارائىتى ۋە پۇرسىتى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا قىرغىزىستانغا بېرىپ تەكشۈردى، بۇ تۆمۈر يولنى ياساش مۇساپىسى باشلاندى، جۇڭگو قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە مۇمكىنلىك تەتقىقاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، ۋاڭ يى يەنە قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇرۇبايېف بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ