مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ

2022.05.17 12:57 مەنبە: خەلق تورى

  5- ئاينىڭ 16-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلماقتا، جۇڭگو بۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟ بۇ جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟


  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى، ياۋروپا بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانى ئىزچىل ئېنىق. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكنى ئايرىماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈش ئاساسىدا، سۆزلىشىش-سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان رايون بىخەتەرلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ياۋروپانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو-فىنلاندىيە ئىزچىل ئىنتايىن دوستانە مۇناسىۋەتتە، فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ئەلۋەتتە جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ