ئاقساراي 12-ماي ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليونغا يەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.
بايدىن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: بۈگۈن بىز بىر تراگېدىيەلىك مۇساپىنى، يەنى 1 مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى خاتىرىلەيمىز. تاماق شىرەسى ئەتراپىدا بىر مىليون قۇرۇق ئورۇندۇق بار. ھەر بىر ھاياتلىق ئورنىنى بېسىپ بولمايدىغان زىيان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم بۇ يۇقۇم ئەھۋالىدىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.
ئۇ باياناتىدا ئاقساراي، فېدېراتسىيە ئورگىنى، ھەربىي سورۇن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا قاتارلىقلاردىن بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ، 16-ماي كۈن پاتقۇچە خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ