مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىنىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى ئەمەلگە ئاشمىغان ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

2021.07.21 13:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باماكو خەۋىرى: مالى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 20- چېسلا شۇن كۈنى پايتەخت باماكودا ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭ ئاسىم گويتاغا ئەمەلگە ئاشمىغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى.

  مالى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پىچاق كۆتۈرۈپ ھۇجۇم قىلغان بىر قاتىل نەق مەيداندا قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە گويتا بىر مەسچىتتە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. مالى تور بېكىتى «مالى ئۇچۇر تورى» بىر كۆرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر ھۇجۇم قىلغۇچى گويتاغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان، لېكىن باشقىلارنى خاتا يارىلاندۇرغان.

  بۇلتۇر 8- ئايدا، مالىدا ھەربىيلەر توپىلاڭ كۆتۈردى. 9- ئايدا توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەربىيلەر قۇرغان مەملىكەتلىك خەلق قۇتقۇزۇش كومىتېتى دۆلەت مۇداپىيە ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ئېندونىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەنلىكىنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى گويتانىڭ ئۆتكۈنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بۇ يىل 5- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئېندو يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، لېكىن مەملىكەتلىك خەلق قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئىككى سابىق ئەزاسى تىزىملىككە كىرمىدى. ئېندو ۋە شۇ چاغدىكى ئۆتكۈنچى زۇڭلى ئارقىدىنلا ھەربىيلەر تەرىپىدىن باماكو سىرتىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا ئېلىپ كېلىنىپ، تىزىملىك توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. 26- كۈنى مالى ھەربىي تەرەپ ئېندونىڭ شۇ كۈنى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. مالى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 28- چېسلا گويتانىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ