مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئاقسۇنىڭ يەرلىك نەشپۈتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا يۈزلەندى

2024.02.23 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئاقسۇ تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن شياۋلۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھىندونېزىيەگە ئېكسپورت قىلىندى، 1-ئايدىلا ئاقسۇدىن 7500 توننىدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىندى، قىممىتى 96 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104 ئېشىپ، تۇنجى ئىشنى غەلبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نەشپۈتلەر ئاقسۇ گوشياڭيۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا قاچىلانغان بولۇپ، ئاقسۇ نەشپۈتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىشى، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىنغان ئاقسۇ نەشپۈتى ئىكەن.

  شىنجاڭ ئاقسۇ گوشياڭيۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى گۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىنغان نەشپۈتنىڭ تەمى تېخىمۇ تاتلىق، تېخىمۇ كۆركەم بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئاقسۇ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە يېتەرلىك يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقىغا تايىنىپ، نەشپۈتنىڭ پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، چۈرۈك، تاتلىق بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئاقسۇ تاموژنىسى كارخانىنىڭ ئېكىسپورت قىلىش مۇددىئاسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كارخانىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىغا كەسپىي مەسلىھەت بەردى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

  خەن شياۋلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز مەنبەدىن باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنى كۆزىتىشنى ئىگىلەپ، تەۋەلىك بويىچە ئىلتىماس قىلىش، تالوننى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش، گۇۋاھنامە تارقىتىشنى «بىر كۆزنەك»تە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يېشىل كارىدوردا ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كەسپىي تايانچلارنى كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكتۈرۈپ، «بىر زاۋۇتتا بىر مەھسۇلات بولۇش، بىر ئەنگە ئالدۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جايى قاتارلىق تاموژنا بېجىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تېخىمۇ چوڭ پايدا ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.ئاقسۇ تاموژنىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسپىي ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى»نى شەكىللەندۈرۈپ، «ئەنگە ئالدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئېكسپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەدبىرىنى قاراتمىلىق قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ۋە دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، چېگرادىن چىقىرىلىدىغان 17 مېۋىلىك باغ ۋە چېگرادىن چىقىرىلىدىغان ئۈچ مېۋە-چېۋە ئوراش-قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، يەرلىك مېۋە-چېۋە ئېكسپورتىغا ياخشى ئاساس سالدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ