شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يەر مۇھىم ئامىلىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

2024.02.20 11:13 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى تېز شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى توغرىسىدىكى دوكلات»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ماكرولۇق سىياسەت، رايون تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەر مۇھىم ئامىلىنى تەقسىملەشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ۋە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيە چەكلىمىسى ئۈنۈملۈك بولغان، دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش ماس، تەرتىپلىك بولغان بوشلۇق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەر مۇھىم ئامىلىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىش، ماس تىپ ئۆزگەرتىش، ئىجادىي تىپ ئۆزگەرتىش، بىخەتەر تىپ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە، تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەرنى ۋاقتىدا، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىشتا نېمە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كىم تەشكىللەش، يېڭىلىق يارىتىشنى قانداق قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، قوغداشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رايون ئىقتىسادىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، مەۋقەنى ھەرقايسى جايلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، يەر باشقۇرۇش سىياسەت بىرلىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەللىككە ئىگە رايونلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش پاسىلىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش پاسىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىزگىنلەش سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەزى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئەمما ئىنتايىن تەخىرسىز ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، سالماق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېجەشلىك بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېشىل پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار يېشىل تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى قوللايدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسىتى ۋە ئالاقىدار بازارلاشقان مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى سىياسەت مەدىتى ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئالدىنى ئېلىش» ۋە «قۇتقۇزۇش» مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، زور بىخەتەرلىك، زور جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رامكىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرىدىغان، خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرىدىغان، كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىدىغان، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغان يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بالدۇر بايقاش، كىچىكىدە بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، رايونلارنىڭ نوپۇس سانى، ئىقتىساد كۆلىمى، ئاپەت خاراكتېرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى تولۇق سەپلەش، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي گەۋدىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى تەقسىملەش، رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش، ئېچىۋېتىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئىلمىي تەتقىق قىلىش، تېخنىكا ئېچىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تۈرلەر بويىچە تۈزۈم لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەك. سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تەدبىر، يېڭىدىن تۈزۈلگەن تۈزۈملەرگە قارىتا سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكى بويىچە باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قويغان يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ماس كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلىدۇق. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئىسلاھات ھۆججەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلدۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز قاتلىمىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە قارىتا ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىل، ئاساسلىق ۋەزىپە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاشتىن ئىبارەت، بۇ، ھەم پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بارلىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپى، ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى، ئالغا سىلجىتىش شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرى روشەن يۆنىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئەڭ گەۋىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئىسلاھات پۇرىقى كۈچلۈك، سۈپىتى يېتەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ياراتقان يېڭى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قويۇق ئىسلاھات كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ