مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بالنىستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ

2024.02.22 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، بالنىستتا يېتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

  ئۆتكەن يىلى، باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، باشقا جايدا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئاپتونوم رايوننىڭ« 2023-يىلىدىكى ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، كۆپ تۈرلۈك يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، «سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشى ئۈچۈن ئاتچوت قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، تۆلەپ تۇرۇش بېسىمى ئېغىر بولۇش، شەخسلەرنىڭ يۈكى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ .»

  ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقانلار ئەنگە ئالدۇرغان جاي ۋە داۋالانغان جايدا قوش يۆنىلىشلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنگە ئالدۇرمىغانلار ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ مەسئۇلىيىتى بولمىغان تاشقى زەخىم سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ۋەدە بېرىدۇ، مۇلازىمەت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، قولايلىق دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بالنىستتا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالنىستتا يېتىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا %70 تىن ئاشۇرۇش يىرىك پىلان نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بۇ يىل ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تۈرى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە پەرق بولماسلىق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشىنى كەچۈرۈم قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ ·

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ