مۇھىم خەۋەرلەر

25-فېۋرالدىن باشلاپ ھەق ئېلىنىدۇ!

2024.02.21 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 19-فېۋرال جۇڭگو قاتناش مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 25-فېۋرالدىن باشلاپ G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لىچېڭ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئېلىش خىزمىتى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى تەڭشەش، سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ لىچېڭ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدا 25-فېۋرال سائەت نۆلدىن باشلاپ ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئېلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدە قاتنايدىغان بارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بەلگىلىمە بويىچە يول ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئالاقىدار سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەقسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  جۇڭگو قاتناش گۇرۇھى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەق ئېلىش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىجىل ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، شىركەت داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئازادە قاتناش مۇھىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، كەڭ شوپۇر ۋە ئاپتوبۇس خادىملىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ راۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  2023-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كورلا جەنۇبىي ۋوگزالىدىن لوپنۇر ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىشى بىلەن لوپنۇر ناھىيەسى «يۇقىرى سۈرئەتلىك دەۋر»گە رەسمىي قەدەم قويدى، ئىككى جاينىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن 20 مىنۇت ئەتراپىغا قىسقاردى، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ( 1-دەرىجىلىك ) تاشيول قورشالمىسىنىڭ شەكىللىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى.

  ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شىنجاڭنىڭ «ئالتە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش، ئالتە تىك» ئالىي دەرىجىلىك تاشيول تورىدىكى 3-تىك لىنىيە، يەنى ئالتاي-ئۈرۈمچى-كورلا-چاقىلىق تاشيولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بايلىق ئۆزئارا تۇتىشىدىغان چوڭ يول ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 319.719 كىلومېتىر، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2025-يىلى تاماملىنىشىدا ئۈمىد بار، بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە سائەتتىن تەخمىنەن ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ