مۇھىم خەۋەرلەر

باغچىغا بېرىپ توي خېتى ئالغىلى بولىدۇ

شىنجاڭدا تويلىشىشقا تىزىملاشتا توي خېتى ئېلىشنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشى كۆپەيتىلىدۇ

2024.02.09 01:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتى بار جايلارنى توي قىلغۇچىلارنى تىزىملاش ئورگانلىرىنى باغچە قاتارلىق مەنزىرىسى گۈزەل سورۇنلارغا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تويلىشىشقا تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، رومانتىك كەيپىيات يارىتىپ، تويلاشقۇچىلارنى تىزىملاش مۇراسىم تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاددىي، خاس توي ئادىتى، قائىدە-يوسۇنلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋى، مەدەنىي تويلىشىش ئادىتى يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈرىدۇ؛ تويلىشىش، ئائىلە يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تويلىشىشقا تىزىملاش ئورگانلىرىدا تويلىشىش، ئائىلە يېتەكچىلىك ئىشخانىلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ تويلىشىش ئىشلىرىنى تىزىملاشنى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تويلىشىش ئىشلىرىنى تىزىملاشنى «ئۆلكە ئاتلاپ بىر تۇتاش بېجىرىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تويلىشىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ