مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ بۇ ئالتە جەھەتتە مەدەنىيەت-ساياھەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا كۈچەيدۇ

2024.02.09 01:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئويۇن قويۇش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىش، ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، سىرتقا قارىتا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكتە كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا كۈچەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش جەھەتتە، «ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتى»دىن ئىبارەت ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى نامايان قىلىشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سەنئەت ئىجادىيىتى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، سەنئەت ئىجادىيىتى تېما پىلانى تۈزۈپ، سەنئەت ئىجادىيىتى تەشكىلىي ئورۇنلاشتۇرمىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى جەھەتتە، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ياخشى باشقۇرۇپ، «تۆت ساراي، بىر پونكىت» قاتارلىق مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «چولپانلار تيانشاننى يورۇتتى»، «قوش يۈز»، «مەيدان ئۇسسۇلى»، «كۆپچىلىك ئېيتىش»، يېزا-كەنت سەنئەت كېچىلىكى، ئومۇمىي خەلق ئوقۇش، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» تىن ئىبارەت مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تەشكىللىنىدۇ.

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. «ئارخېئولوگىيەلىك جۇڭگو»نىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش لازىم. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ پۈتۈپ ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، «شىنجاڭ ياخشى جاي»، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار پائالىيىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەھەتتە، «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە) ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە «ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق «ئۈچ يۇغۇرۇلۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى شىنجاڭنىڭ ئون چوڭ مىسالىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»، «قەدىمىي يولدا مېڭىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»، «كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»، «مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش باش تېما پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش، بازارلاشتۇرۇپ ئويۇن قويۇشنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كۆرۈنۈشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ.

  سىرتقا قارىتا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش جەھەتتە «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تاشقى ئالاقە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ