مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ

2024.02.09 01:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق قارالمىلارنى باھانە قىلىپ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە سەۋەبسىز تۆھمەت قىلدى ۋە قارا چاپلىدى، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان سەپسەتىسى. بۇنىڭدىكى مەقسەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمگەك ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، «مەجبۇرىي ئىشسىزلىق» پەيدا قىلىپ، «مەجبۇرىي نامراتلاشتۇرۇپ»، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  2023-يىلى، شىنجاڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 390 تۈركۈم، 4300 كىشىلىكتىن ئارتۇق زىيارەت ئۆمەك-گۇرۇپپىلىرىنى كۈتۈۋالدى، كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ چوڭ بولدى. خەلقئارادىكى تۈركۈم-تۈركۈم دوستلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن، تاغلاردىن ھالقىپ، دەريالاردىن ھالقىپ، ئىستېرېئولۇق ھەقىقىي شىنجاڭنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلار نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئېتىراپ قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىغا، شۇنداقلا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نىڭ ئاساسىي روھىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. تۇرمۇش ئۈمىدكە تولغان، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

  شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «2024-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» بەرگەندە، «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىدە، شىنجاڭ خەلقى ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېدى. ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمايدىغان جاسارەت ۋە ئىشەنچ بىلەن دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر دولقۇنىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.

  ۋاقىت شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شانلىق مۇساپىسىنى خاتىرىلەيدۇ، دۇنيا شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا گۇۋاھ بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ