مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2024.02.09 01:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2024-يىلى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق قىلغان ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەنۋەر سىيىتنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەتنى باشقىلارنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى. 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئەنۋەر سىيىت خۇسۇسىي كارخانا غوجايىنىنىڭ خوتۇنىنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان، خۇسۇسىي كارخانا غوجايىنى بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى ۋە ياتاق، تېببىي دورا ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىگەن؛ ئەنۋەر سىيىت بېيجىڭغا كاماندىروپكىغا بارغان مەزگىلدە، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىدىن ھەمراھ بولۇشنى ھەمدە ياتاق ھەققىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. ئەنۋەر سىيىتتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ باشقا مەسىلىلەر بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جيەن تىڭۋېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە قاتنىشىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى باشقىلار تۆلەش قاتارلىق مەسىلىلەر. 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جيەن تىڭۋېي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرگە قاتناشقان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشقا ئالاقىدار خىراجەتلىرىنى تۆلىگەن. جيەن تىڭۋېيدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى تاڭ شەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر. 2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، تاڭ شەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇللارنى قوبۇل قىلغان، بىر قىسىم ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرگە قاتناشقان. تاڭ شەندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خالبىيات ئىسلامقاننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقلەرنى باشقىلارغا تۆلەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر. 2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، خالىبىيات ئىسلامقان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان تاماكا، ھاراق قاتارلىق سوۋغات، سوۋغات پۇلىنى قوبۇل قىلغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي يېمەك-ئىچمەك خىراجىتىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. خالبىيات ئىسلامقاندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن شۆۋۇنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، سۈن شۆۋۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ نۇرغۇن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ كۆپىنچىسى چاغان، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن. سۈن شۆۋۇدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە قاتنىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر. 2015-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، ئەخمەتجان مەمتىمىن نۇرغۇن باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان ھاراق-تاماكا قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان؛ كۆپ قېتىم خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى قۇبۇل قىلغان. ئەخمەتجان مەمتىمىندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان، ئىستىل جەھەتتە چىرىكلىشىشنى بىر گەۋدە قىلغان يۇقىرىقى ئالتە تىپىك دېلو مىسالى بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەزگىلى، يېڭى باسقۇچىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قايتا-قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قايتا-قايتا تەكىتلىشىنى يەنىلا نەزەرگە ئالماي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا پەرۋا قىلماي، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن چەتنەپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىغا دەسسەپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ