مۇھىم خەۋەرلەر

كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى

2024.02.04 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ 3-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ «ئىككى يىغىن» ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لى جۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش يەنە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشمايدىغان ئىنتىلىشى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مىللىي ئاپتونومىيەلىك جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى 1979-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىدى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈنۈملۈك يەرلىك نىزام 175 پارچە، نىزام خاراكتېرلىك قارار ۋە چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارار 59 پارچە؛ رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈنۈملۈك يەرلىك نىزام، يەككە نىزام 178 پارچە.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لى جۈەن شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى بەش جەھەتتىن تونۇشتۇردى: ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىندى؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدالدى؛ تېررورلۇققا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش بىرلەشتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ