مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق «ئىككى يىغىن» ئۆگىنىش ماتېرىيالىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتابى تورغا چىقىرىلدى

2024.02.04 22:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى يېپىلدى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى يېپىلدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ماتېرىيال سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، «شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئىككى يىغىننىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ئېلېكتىرونلۇق كىتابى» ئېلان قىلىندى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئېلېكتىرونلۇق كىتاب» دېيىلىدۇ). ئېلېكترونلۇق كىتاب ئاساسلىقى ئىككى يىغىن دوكلاتى، ئىككى يىغىننىڭ قارارى، مۇھىم ئوبزور، ئومۇمىي بايان، خاتىرە قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئوقۇرمەنلەر كومپيۇتېرنىڭ تور كۆرگۈچىسى ئارقىلىق ئوقۇپلا قالماي، يەنە كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسىي ئېكرانىغا قاچىلاپ، كۆپ تېرمىنالدا ماس قەدەملىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق كىتابقا يەنە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق ئوقۇش، خەت شەكلىنى چوڭايتىش-كىچىكلىتىش، كۆز ئاسراش ئەندىزىسى قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ ئەمەلىي، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ مەزمۇنى داۋاملىق يېڭىلىنىۋاتىدۇ، كېيىن كۆپ خىل تىلدىكى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ