مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدە پات ئارىدا پېنسىيەگە چىقىدىغانلار دىققەت! بۇ پۇل داۋاملىق تارقىتىلىدۇ

2024.02.04 22:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشقا بىر يىل قالمىغان ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغىچە داۋاملىق تارقىتىپ بېرىلسە بولىدۇ.

  1-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت «ئىللىق قىش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى ۋە ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركەزلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى كارخانىلارغا، مەھەللىلەرگە، يېزا-كەنتلەرگە، مەكتەپلەرگە كىرىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاھالە جوۋ يەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى بۇلاقتاغ رايونلۇق شۆبە مەركىزىگە كېلىپ ئۆزى تاپشۇرۇۋالغان «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ داۋاملىق تارقىتىلىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈپ، 2-ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭغا داۋاملىق تارقىتىلىدىغان-تارقىتىلمايدىغانلىقىنى سورىدى.

  جوۋ يەن 2023-يىل 8-ئايدىن باشلاپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالغاندىن بۇيان مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماي قايتا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئىدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۇ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا 27 ئاي ھەق تاپشۇرغان، ئىككى يىلغا توشقان، ئۈچ يىلغا توشمىغان، سىياسەتتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئالتە ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالالايدىكەن، بۇ يىل 1-ئايدا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ مۇددىتى توشقان ئىكەن.

  جوۋ يەن مۇنداق دېدى: «مەن ھەر ئايدا 1530 يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىمەن، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىپ، مېنى ئىشسىزلىق مەزگىلىدە ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بۇ يىل 9-ئايدا مەن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشاتتىم، لېكىن تېخىچە مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدىم. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇ مېنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى مەن پېنسىىيەگە چىققۇچە ئالسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى». 2024-يىل 1-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە چوڭ ياشلىق ئىشسىزلاردىن 33 كىشىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى داۋاملىق تارقىتىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر تاڭ شياۋيى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چوڭ ياشلىقلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى داۋاملىق تارقىتىشتىكى تاللاشنىڭ شەرتى: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشۇشىغا بىر يىل قالمىغان بولۇش، يەنى ئاياللار 54 ياشقا توشقان بولۇش، ئەرلەر 59 ياشقا توشقان بولۇش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان بولۇش. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر مەركىزى بىلەن پائال جىپسىلىشىپ سىستېما بۆلىكىنى ئېچىپ، سىياسەت ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چوڭ ياشلىق ئىشسىزلارنى دەل جايىدا تاللاپ، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا داۋاملىق تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن ۋاقتىدا، تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، چوڭ ياشلىق ئىشسىزلارنىڭ «قاترىماي»، «ئىلتىماس قىلماي»، «ساقلىماي» تۇرۇپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغىچە داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ