مۇھىم خەۋەرلەر

قەشقەردە ئېلېكترون پەن-تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭ تەتقىقات يۇرتى ۋە قەشقەر داشۆسى ئېلېكترون- ئالاقە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈلدى

2024.02.04 22:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېلېكترون پەن-تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭ تەتقىقات يۇرتى بىلەن قەشقەر داشۆسى ئېلېكترون-ئالاقە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى قەشقەردە يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلۇشقا تەييارلىق كۆرۈلدى.

  ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق قوش ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، مەكتەپ دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرون ئۇچۇر ساھەسىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنىڭ مەنبەسى، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار بازىسىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ساھەسىدە روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، «دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىرون ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشلامچىسى» دەپ تەرىپلەندى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، قەشقەر داشۆسى ئېلېكترون پەن-تېخنىكا داشۆسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  قەشقەر داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دىڭ باڭۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن قەشقەر داشۆسى ئېلېكتىرون-خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنى ئورتاق قۇرۇپ، قەشقەر داشۆسى پەن-كەسىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقاتتا چوقۇم يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  شۇ كۈندىكى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى مەكتەپداشلار قەشقەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى دۆلەت ئالىي مەكتەپ پەن-تېخنىكا باغچىسى شىنجاڭ شۆبە باغچىسى، ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش شىنجاڭ مەركىزى، ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭ مەكتەپداشلار يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش، قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ