مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا نۇرغۇن بانكا ۋە سۇغۇرتا ئاپپاراتى جازالاندى

2024.02.04 22:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 24-كۈنى دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، تارباغاتاي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى، قۇمۇل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى، سانجى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى چىقارغان 70 پارچە مەمۇرىي جازا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، جازالاش ئوبيېكتى سۇغۇرتا شىركىتى، بانكا ۋە مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەر بولدى. ئېلان قىلىنغان 70 مەمۇرىي جازا ئۇچۇرى ئىچىدە، 49 ئالاقىدارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، 2 ئالاقىدارنىڭ سۇغۇرتا كەسپىگە كىرىشى ئۆمۈرۋايەت مەنئى قىلىندى، جەمئىي 7 مىليون 157 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  بۇ قېتىمقى مەمۇرىي جازا بېرىش سەۋەبى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  بانكا:

  1. «قوش خاتىرىلەش» تەلىپى كۈچلۈك ئىجرا قىلىنمىغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى ياسىغان مەھسۇلاتنى ۋاكالىتەن سېتىش ماتېرىيالىدا ئازدۇرىدىغان بايانلار بار.

  2. قەرز پۇل تارقىتىشتا تەرتىپكە خىلاپلىق قىلغان، قەرز بېرىشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ۋە قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىنغان.

  3. قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلمىغان، كرېدىت مەبلىغى قەرز ئالغۇچىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن.

  4. ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى ئۆي-زېمىن تەرەققىيات شىركىتى بېرىپ تۇرغان قەرز ئالغۇچىغا تۇرالغۇ رەنىلىك قەرزى بېرىلگەن.

  5. قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇش شەكىلگە ئايلىنىپ، قەرز پۇل قەرز بەرگۈچى پاي كونترول قىلغان شىركەتنىڭ ئىسچوتىغا قايتىپ كەلگەن؛ قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىنغان، قەرز پۇل مەبلىغى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن.

  6. مەبلەغنى ھاۋالە بويىچە چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇشتا روشەن نۇقسان كۆرۈلگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆي-زېمىن ئىجتىمائىي تەشكىلاتى قەرز پۇلى تارقىتىلغان؛ تۇراقسىز مەبلەغ قەرز پۇلى بېرىلگەندىن كېيىن باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەن، كرېدىت مەبلىغى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن.

  7. دېھقانلارغا قەرز بېرىلگەندىن كېيىن باشقۇرۇش جايىدا بولماي، كرېدىت مەبلىغى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن.

  8. قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمەي، قەرز مەبلىغى قەرز بەرگۈچىگە قايتا ئېقىپ كەلگەن.

  9. قەرزدىن كېيىنكى باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەن، كرېدىت مەبلىغى پۈتۈشكەن ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىلمىگەن.

  سۇغۇرتا شىركىتى:

  1. چىقىم خىراجىتى ساختا ياسالغان؛ سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى تىزىمغا ئالدۇرۇلمىغان.

  2. كەسپىي قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزگەن.

  3. سۇغۇرتا سېتىش كەسىپكارلىرىنىڭ ئارخىپى ھەقىقىي بولمىغان؛ سېتىش خادىملىرىنى باشقۇرۇش جايىدا بولمىغان.

  4. سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنى سەمىمىي بولۇش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان.

  5. جىسمانىي سۇغۇرتا يېڭى مەھسۇلاتىنى ئىككىلىنىش مەزگىلىدىن ئاشۇرۇپ زىيارەت قىلغان.

  6. ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى تەستىقلانمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئەمەلىي ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  7. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كەسپىدە ساختا سۇغۇرتىلاشقا ۋەدە بەرگەن، يالغاندىن تۆلەم بەرگەن.

  8. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىدىكى ئالدىنى ئېلىش خىراجىتىنى يالغاندىن ياساپ باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەن.

  9. ۋاكالەتچىنىڭ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى قاتتىق تەكشۈرۈلمىگەن، ۋاكالەتچىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تىزىملاش ئۇچۇرى ھەقىقىي بولمىغان.

  10. سېتىش كەسىپكارلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېجىرمىگەن.

  11. ۋاقىتلىق مەسئۇل كىشى مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  12. تۆلەم پۇلىنى ساختا كۆپەيتكەن.

  13. ياردەمچى سۇغۇرتا خادىمىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ساختا ياسالغان.

  14. ۋاكالەتچى كەسپىنى ساختا ياساپ رەسمىيەت ھەققى ئېلىۋالغان.

  15. تۆلەم ئارخىپىنى يالغاندىن تۈزگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ