مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش بويىچە ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2024.02.04 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تور مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلىنى «توردىكى پىتنە-ئىغۋاغا زەربە بېرىش-تۈزەش مەخسۇس ھەرىكەت يىلى» قىلدى.

  شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، توردىكى تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا يىپ ئۇچىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ساپ تور مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئالتە تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى:

  1. ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ يامان غەرەزدە «يەر تەۋرەش نەق مەيدانىنىڭ سۈرىتى»نى قۇراشتۇرۇپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  يېقىندا، تارباغاتايدىكى تور ئەھلى ۋاڭ فامىلىلىك مەلۇم قىسقا سىن سۇپىسى ئارقىلىق باشقا جاينىڭ يەر تەۋرەش سۈرەتلىرىنى قۇراشتۇرۇپ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. تارباغاتايدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاڭ فامىلىلىككە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  2. خەن فامىلىلىكنىڭ «يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئۆيلەر قىيسىيىپ قالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى تارقىتىش دېلوسى

  يېقىندا، ئاقسۇدىكى تور ئەھلى خەن فامىلىلىك توردا «ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئۆيلەر قىيسىيىپ قالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. ئاقسۇدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە خەن فامىلىلىككە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  3. ياڭ فامىلىلىكنىڭ «بۈگۈن كەچتە ئامال بار ئۆيدە تۇرماڭلار، بەلكىم يەنە ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىشى مۇمكىن» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىش دېلوسى

  يېقىندا، ئاقسۇدىكى تور ئەھلى ياڭ فامىلىلىك توردا «بۈگۈن كەچتە ئامال بار ئۆيدە تۇرماڭلار، بەلكىم يەنە ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىشى مۇمكىن» دېگەن پىتنە-ئىغۋنى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. ئاقسۇدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ياڭ فامىلىلىككە تەنقىدى-تەربىيە جازاسى بەردى.

  4. جى فامىلىلىكنىڭ سىياسەت تۈرىدىكى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  يېقىندا، تارباغاتايدىكى تور ئەھلى جى فامىلىلىك دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا توردا مەلۇم جاينىڭ سىياسەتكە دائىر پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. تارباغاتايدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە جى فامىلىلىككە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  5. ما فامىلىلىكنىڭ مەلۇم جايدا «سۇ ئامبىرىدىن كەلكۈن كەلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىش دېلوسى

  يېقىندا، تارباغاتايدىكى تور ئەھلى ما فامىلىلىك دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا توردا مەلۇم جايدا «سۇ ئامبىرىدىن كەلكۈن كەلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. تارباغاتايدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ما فامىلىلىككە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  6. ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ «مەلۇم بىرەيلەن قەستەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، مەبلەغ يۆتكەپ، قانۇندىن ئۆزىنى قاچۇردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى تارقىتىش دېلوسى

  يېقىندا، تارباغاتايدىكى تور ئەھلى ۋاڭ فامىلىلىك دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا توردا «مەلۇم بىرەيلەن قەستەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، مەبلەغ يۆتكەپ، قانۇندىن ئۆزىنى قاچۇردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. تارباغاتايدىكى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاڭ فامىلىلىككە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ