مۇھىم خەۋەرلەر

ما شىڭرۇي تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.04 22:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى دوستانە، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ما شىڭرۇي ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇسا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ زۇڭتۇڭى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، شىنجاڭغا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەردى. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باش ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق قويۇپ بېرىشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مۇسا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىككى تەرەپنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال قوللايدۇ، تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور پىلانى» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تۈركىيە جۇڭگو، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، دىن قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بىر-بىرىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ