مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا ئىككى يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى

2024.02.04 21:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 1-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ تەييارلىق ئەھۋالى، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تونۇشتۇرۇلدى.

  يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلىپ، تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلىدىكەن، يىغىن ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈن بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمائىل، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى، يىغىن تەييارلىقى، تەييارلىق ئەھۋالى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، 2024-يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەستىقلاش، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)»گە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش، سايلام ئىشلىرى.

  «ھازىر يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى» دېدى مەريەم ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھازىر مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا-بازاردىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك 73 مىڭ 957 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %65.4 نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ھازىر 548 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %63.14 نى، ئىشچىلار، دېھقانلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى %40.33 نى، ئاياللار %26.46 نى، پارتىيەسىزلەر %34.85 نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ 12 نىزامى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ 31 نىزامى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، 21 مەخسۇس دوكلات قاراپ چىقىلدى، 10 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەندى، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى، مەخسۇس تېمىدا 3 قېتىم خىزمەت سۈرۈشتۈرۈلدى، 7 قارار چىقىرىلدى، 519 ئادەم (قېتىم) ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ