مۇھىم خەۋەرلەر

ئىلگىرىلەش زور! غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى تەستىقلاندى

2024.02.04 21:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 24-كۈنى «شىنجاڭ ئايروپورتى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇن تاللاش دوكلاتى يېقىندا جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن، بۇ، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم تەستىقلانغان غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇن تاللاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئورۇن توقاي قۇملۇقى بولۇپ، غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان تۈز لىنىيە ئارىلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر، قورغاس شەھىرى بىلەن بولغان تۈز لىنىيە ئارىلىقى تەخمىنەن 42 كىلومېتىر، چېگرا لىنىيەسى بىلەن تۈز لىنىيە ئارىلىقى تەخمىنەن 24 كىلومېتىر كېلىدىكەن، قورغاس ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسى، كۈرە بازىرى، ساندىخوزا يېزىسى بىلەن ئىلى دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايوندا ئىكەن.

  «شىنجاڭ ئايروپورتى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېيىنكى باسقۇچتا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يەرلىك ھۆكۈمەتكە پائال ماسلىشىپ، پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈشكە يوللاش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق تاماملاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدىكەن.

  دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالار تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدا نۆۋەتتە 25 ئايرودۇرۇم ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى گۇچۇڭ جانبۇلاق ئايرودۇرۇمى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، باركۆل داخې ئايرودۇرۇمىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇم سانى 28 گە يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ