مۇھىم خەۋەرلەر

ئاقسۇ بايانات ئېلان قىلىپ ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

2024.02.04 21:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. نۆۋەتتە مەركەزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى يەر تەۋرىگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پويىزلارنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى نورماللاشتى.

  توردا تارقىلىپ يۈرگەن «ئاقسۇدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايون بىناسى يەر تەۋرەشتە قىڭغىيىپ قالدى» دېگەن ئۇچۇر توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، سۈرەتتىكى ئىمارەت ئاقسۇ شەھىرى فېڭخۇاڭچېڭ ئولتۇراق رايونى ئاھالىلەر بىناسى بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەر تەۋرەشتە بۇ بىنا گەۋدىسىنىڭ قىيسىيىپ قالغانلىقى ۋاقتىنچە بايقالمىدى، توردا تارقالغان سۈرەت بۇ ئىمارەتنىڭ بىنا گەۋدىسىنى لايىھەلەش ۋە سۈرەتكە ئېلىش بۇلۇڭى سەۋەبلىك پەيدا بولغان بىنا گەۋدىسىنىڭ قىيسىيىپ قالغانلىق كۆرۈش سېزىمى خاتالىقى ئىكەن.

  بىر قىسىم ئۆزتاراتقۇلار تارقاتقان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يول يۈزى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە ئالاقىدار سۈرەت، يېزىق، سىن ئۇچۇرلىرى چىن ئەمەس، بەلكى تور ئەھلى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار ئۇچۇر بىلەن توردىكى كونا سۈرەتلەرنى بىرىكتۈرۈپ ياسىغان ساختا ئۇچۇر بولۇپ، باشقا تور ئەھلىنى ئېغىر دەرىجىدە ئازدۇرغان.

  ئەسكەرتىش: تور ئەھلىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرنى ئۆلچەم قىلىپ، توردىكى ساختا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىق توسۇش ۋە پائال پاش قىلىشىنى سورايمىز. توردا پىتنە-ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا تور ئۇچۇر تارماقلىرى ج خ ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ