مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قۇتقۇزۇشنى جىددىي تەشكىللەپ قانات يايدۇردى

2024.02.04 21:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشكە قارىتا، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى رايون ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئامبىرىدىن 3740 يۈرۈش چېدىر، يوتقان-كۆرپە، ئاتاكا كىيىمى، قاتلىما كارىۋات قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى جىددىي يۆتكەپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاپەت رايونىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق قىزىل كرېست جەمئىيىتى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ.

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ئارقىدىن كۆپ قېتىم تۆت بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ