مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى تارماق 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بەردى

2024.02.04 21:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مەركەزنىڭ 30 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى جىددىي ئاجرىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، خادىملارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش قاتارلىق جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، شۇنداقلا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزىتىش-باھالاش، ئىككىلەمچى ئاپەتنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ