مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

[14-نۆۋەتلىك] 21-نومۇرلۇق

2024.02.04 21:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ياقۇپ پەتۇللا، ۋاڭ جياڭ، خاۋ ۋېيمىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ياڭ شيۇلى، ليۇ ياكاڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ۋاڭ گۇيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، قاراماي شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا چېن كەي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا جېڭ مىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، كۇچا شەھەرلىك 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ئادىل ئەلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، باي ناھىيەلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا جاۋ جياڭتاۋ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا چىن ۋېي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، يوپۇرغا ناھىيەلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا بى دېگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، تۇمشۇق شەھەرلىك 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا جاڭ جيەنجۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى، كېرىيە ناھىيەلىك 18-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا جۇ لىفەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتقا ئاساسەن، ياقۇپ پەتۇللا، ۋاڭ جياڭ، خاۋ ۋېيمىڭ، ياڭ شيۇلى، ليۇ ياكاڭ، ۋاڭ گۇيسى، چېن كەي، جېڭ مىن، ئادىل ئەلى، جاۋ جياڭتاۋ، چىن ۋېي، بى دېگو، جاڭ جيەنجۈن، جۇ لىفەننىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ جەزملەشتۈردى.

  كېرىيە ناھىيەسىدىن سايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاڭ چۈنلىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن سايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ليۇ سۇشې، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن سايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لى رويۈن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىدىن سايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى خۇاڭ جىچيەن شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كەتتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جاڭ چۈنلىن، ليۇ سۇشې، لى رويۈن، خۇاڭ جىچيەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا پۇ شۆمېينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا جىن جىجېننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى، باي ناھىيەلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا لى يۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى، يوپۇرغا ناھىيەلىك 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ۋۇ جيەنچياڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پۇ شۆمېي، جىن جىجېن، لى يۇڭگو، ۋۇ جيەنچياڭلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توختىتىلدى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىي ۋەكىلى 548 كىشى.

  ئالاھىدە ئېلان قىلىندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ