مۇھىم خەۋەرلەر

جۇ لىفەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى

2024.02.04 21:38 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8-يىغىنىنىڭ تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

  (2024-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  (بىرىنچى)

  جۇ لىفەننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش؛

  مېي يۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش؛

  جاڭ چياڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

  (ئىككىىنچى)

  چيۇ جىڭفېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جاڭ لىشىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا؛

  گۈلنىساخان ئىمىن (ئايال) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

  (ئۈچىنچى)

  يۈ گۇاڭلۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛

  ۋاڭ شىنجۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  (تۆتىنچى)

  جاڭ جياڭخۇا (ئايال) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى؛

  سۈي ۋېنجۈ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىدىن، سوتچىلىقتىن قالدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ